دۇنيا ئەللىرى تۈركلەرنىڭ « ئەقىللىق ھاسا» سىنى ئىشلىتىدۇ
پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى تۈرك ياشلار ئىجاد قىلغان « ئەقىللىق ھاسا» نى ئىشلىتىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Young Guru Academy سىنىڭ قۇرغۇچىسى سىنان يامان، « ئەقىللىق ھاسا <WeWal>» نى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ لوندون باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئاكادېمىيەمىزگە ئەزا ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئىجاد قىلغان ئەقىللىق ھاسىلار ئىستانبۇلدىن لوندونغا يېتىپ كەلدى، لوندوندىن پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدۇ. تۈركىيەدىكى 50 كە يېقىن شىركەت، كارخانا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ئوكسفورد، لوندون Science Museum ۋە BBC قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.»
تۈركىيەنىڭ لوندون باش ئەلچىسى ئابدۇرراھمان بىلگىچ بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ئىجاد قىلىنغان بۇ < ئەقىللىق ھاسا> مودېلى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىشى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. ياشلارنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئىجادىتىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لوندوندا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىش پىكرى ئاكادېمىيە ئەترىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى رىچارد مور ۋە ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان رەپىقىسى ماگى مور بىلەن تونۇشۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان. ئاكادېمىيە تەرىپىدىن كۆزى كۆرمەيدىغان مېيىپلار ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان «ئەقىللىق ھاسا» غا ئوخشىغان ئۈستى يېپىق جايلاردا ئاۋازلىق يول باشلىغۇچىغا ئوخشىغان تېخنولوگىيەلەردىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ماگى مور مۇنداق دېگەن: «بۇ تېخنولوگىيەدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 50 مىليون كۆزى كۆرمەيدىغان مېيىپلار بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.»