باش ئىشتاب باشلىقى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

836023
باش ئىشتاب باشلىقى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تامامەن خەلققە ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا ئاساسلىنىدىغان جۇمھۇرىيەت مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىسىدۇر. 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ۋەتەن خائىنلىرىدىن تازىلانغان ۋە تازىلانغانسېرى كۈنسېرى قۇدرەت تاپقان تۈركىيە ئارمىيەسى پائالىيەتلىرىنى قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. دۆلىىتمىز ئۇزۇن قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەلىرىگە ئىگە بولغان سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر مەملىكىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن تېررورىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى زور خەۋپلەر ۋە تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئارمىيەمىز بۇ خەۋپ ۋە تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پۇختا قەدەملەرنى تاشلىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر