Bollywood نىڭ داڭلىق ئارتىسى تۈركىيەدە

Bollywood نىڭ داڭلىق ئارتىسى ئامىر خان تۈرك كىنو چولپانلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

821178
Bollywood نىڭ داڭلىق ئارتىسى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Bollywood نىڭ دۇنياغا داڭلىق ئارتىسى، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ئامىر خان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلغا كەلدى.

ئامىر خان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ گۈزەل دۆلەتكە كېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرىدا ئارزۇ – ئارمانىمغا يەتتىم، ھەممە تەرىپى گۈزەللىك بىلەن تولۇپ تاشقان تۈركىيەگە كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.»

ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتقان ئامىر خان، تۈرك كىنو چولپانلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ۋە ھىندىستاندا بىرلا ۋاقىتتا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان « Secret Superstar» ناملىق فىلىمىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە خەلقىنىڭ كىنولارغا بولغان كۆز – قاراشلىرىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىستانبۇلغا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى، شىركەتنىڭ سەپەر جەريانىدىكى مۇلازىمىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەتنىڭ يولۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك كۈتۈش مۇلازىمىتىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ماختىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر