«دىنلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دىنلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورىزمنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىۋېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

811208
«دىنلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مۇنبىرىنىڭ 8 – قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «دائېش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىشنىڭ ئورنىغا قولاي يول تاللىنىپ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ. بىرمىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن بۇددىزم ياكى بۇددىستلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز. دىنلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورىزمنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشىمىز لازىم.»

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاش ئارقىلىق يەنە بىرىنى يەڭگىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىرىنى يوقىتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەمما  نېمىشقىكىن بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتەلمەيۋاتىمىز. بولۇپمۇ ياۋروپادا، ياۋروپا پارلامېنتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ماركسىزم، كوممۇنىزمدەك پەقەت ئىدېئولوگىيەلىرى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسىيونلار بار. مېنىڭ ھېچقانداق بىر ئىدېئولوگىيە بىلەن مەسىلەم يوق، ئىدېئولوگىيەڭلارنى دېموكراتىك ئاساستا قوغدىساڭلار بولىدۇ، ئەمما ئىدېئولوگىيەلىرىمىز ئوخشاش دەپلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىساڭلار بولمايدۇ. ياۋروپادا بەزى سىياسىيونلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ يەنە، يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مۇنبىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ پائالىيەتلىرى ۋە پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق بۇ مۇنبەردە ئاكتىپ رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر