يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان نەشرىيات ئېغىر جازاغا تارتىلدى

ۋېنگرىيە سوت مەھكىمىسى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ئىنكار قىلىنغان كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان نەشرىياتنى تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

800414
يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان نەشرىيات ئېغىر جازاغا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇداپېشت باش تەپتىش مەھكىمىسىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىتابىنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان نەشرىياتنى 120 مىڭ فورىنت (تەخمىنەن 1600 تۈركىيە لىراسى) تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،  2012 - يىلى ۋېنگرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابتا، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ «مەسەل» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە گاز ئۆيلىرى تالاش - تارتىش قىلىنغان،  مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان نەشرىيات جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر