دۇنيا رەھبەرلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

دۇنيا رەھبەرلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

800038
دۇنيا رەھبەرلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەدە ياشاۋاتقان تەخمىنەن 20 مىليون مۇسۇلماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇنمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھېيتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ياردەملىشىشى ۋە ھەمكارلىىشىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگلىيە ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تۇرۇدومۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «قۇربان ھېيتنى ۋە ھەجنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى سۇنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر