ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

799702
ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللىرسۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇربان ھېيتنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملىشىشىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوخشىمىغان مىللەتكە مەنسۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكتە دۇئا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر