تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 2017.07.21

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

775062
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 2017.07.21

 

 

سىتار گېزىتى، «ئەردوغان <مەسجىدى ئەقساغا كىرىشنى چەكلەشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان قانۇنسىزلىقلىرى ھەققىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا قىلىۋاتقان ھەق - ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ تولىمۇ قايغۇرۇشلۇق بولىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. مەسجىدى ئەقساغا كىرىشكە چەكلىمە قويۇلۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، قۇددۇسنىڭ ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ شۇنداقلا ئىسلامىي ئالاھىدىلىكى ۋە مۇقەددەسلىكىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ساباھ گېزىتى، «تېررورچىلارغا قۇچاق ئاچقان ئىككى يۈزلۈك گېرمانىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك تېررورچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن تۈركىيە – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا باشلانغان يىرىكچىلىكلەر داۋاملاشماقتا. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ مەجۇتلۇقىغا قەست قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا گېرمانىيەنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە كۆز يۈمۈپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزدە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان شەخىسلەرنى سوتقا تاپشۇرماستىن، كەچۈرۈم قىلىپ قويۇۋىتىشكە ئوخشاش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەلەپلەردە بۇلماقتا» دېيىلدى ھەمدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەھدىت ۋە قورقۇتۇش بىلەن داۋالاشمايدىغانلىقى جىكىلەندى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «قىبرىس مىللىي مەسىلىمىزدۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئۇزۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئىككى قېتىم بىر يەرگە جەم بولغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياخشى نىيەت ھەرىكىتى دائىرىسىدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان قىبرىس كونفېرانسىدا بىرەر نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، رۇم تەرەپنىڭمۇ بۇنداق ھەل قىلىش چارىسىغا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى. بىنالى يىلدىرىم قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنىڭ 43 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەردىن تۇغۇلغان ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە بۇ ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قىبرىستا يۈز بەرگەن ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى شۇنداقلا قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «تۈركىيە 2050 – يىلىدا دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەلقئارالىق مۇستەقىل تەتقىقات شىركىتى «PwC» تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت كېرىمى قاتارلىقلار ھەققىدە 2050 – يىللىق تەخمىنلىرى ئېلان قىلىندى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 32 دۆلەتنىڭ ئالقىنىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى. دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچلەر ئارىسىدا ئەڭ دىققەتنى تارتقان تەرەققىيات ۋە ئىقتسادىي كۆرسەتكۈچلىرىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى. خەلقئارالىق مۇستەقىل تەتقىقات شىركىتى «PwC» نىڭ دوكلاتىدا، نوپۇس ۋە دۆلەت كېرىمى جەھەتتىكى ئىزچىل ئۆرلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە دۇنيا ئىقتسادىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 11 – قاتارغا تىزىلدى.

 ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە بانكىلىرىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى ياۋروپادىن ياخشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئىدارىسى «Standard and Poor’s»نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك پائالىيەت كۆرسەتكۈچى باھالاش ئىشلىرى دىرىكتورى ماگار كۇيۇمچېن تۈركىيە بانكىلىرىنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى ياۋروپادىكى ئوخشاشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، مالىيە ئاساسلىرى، سىجىل كىرېدىت مالىيەلىرى، ئۆسۈمدىكى ساغلام ئايلىنىش، ئىش ھەققى ۋە نەپ ئېلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  بولۇپمۇ تۈركىيە بانكىلىرىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سۈپىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇزۇندىن بۇيان مۇقىملىقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «تۈركىيە لىراسى تاشقى پىرۇۋېتقا قارشى بۈگۈنگە قەدەر ئىنتايىن كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە» دېدى.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر