ئامېرىكا پۈتكۈل دۇنيا مەسىلىلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

759030
ئامېرىكا پۈتكۈل دۇنيا مەسىلىلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللىرسۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامىدىن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ ھېيت نۇرغۇن كىشىنىڭ روزا تۇتۇش، ئىبادەت قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان رامىزان ئېيىنىڭ نەتىجىسىدۇر. نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز، تىنچلىق ۋە باياشاتلىق ئىچىدە ياشايدىغان جەمئىيەتلەرنى بەرپا قىلىش نىشانىمىزغا يېتىش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايەن قىلىشتۇر. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»

تىللىرسۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رامىزان ئېيىدا بېرىپ كېلىۋاتقان ئىپتار زىياپىتىنى بىكار قىلغان، بۇنىڭ ئورنىغا پەقەت بايانات ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر