ھۆكۈمدار پەيغەمبەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالام

ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى ئاستىدا ئىشلەيتتى.

759042
ھۆكۈمدار پەيغەمبەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر، ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇ قۇددۇس ئەتراپىدىكى غەززەدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئىلىم – ئېرپان، خەيرىيەت ۋە ئادالەتنى سۆيۈش بىلەن تونۇلغان. 12 يېشىدا دادىسىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمران بولغان. كېيىنچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان بولۇپ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەشھۇر 4 شەخستىن بىرىدۇر.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا پادىشاھلىق داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن مىراس قالغان.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك بېرىلگەنلىكى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 84 – ئايىتىدە مۇنداق بىلدۈرۈلىدۇ: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.»[1]

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن.»[2] دەپ دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسى مەقبۇل بولۇپ، جىنلار، شاماللار ۋە ھايۋانلار ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدى. ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى.»[3] «شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز. ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى.»[4] «بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: <جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!> سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: <ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر> دېدى.»[5]

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا:

- ئىلاھا! ئوغلۇم سۇلايماننى پادىشاھلىقتا مېنىڭدەك قىلغىن،  - دەپ ئىلتىجا قىلغانىدى. ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ:

- ئى داۋۇد، سەن مېنىڭ خىزمىتىمدە قانداق تۇرغان بولساڭ، سۇلايمانمۇ شۇنداق تۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ساڭا كۆرسەتكەندىن ئارتۇق ئېھسانلارنى ئاتا قىلىمەن، - دېدى.

دېگەندەك، ئاللاھ تائالا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بارچە مەخلۇقاتنىڭ تىلى، ئىلىملارنىڭ سىرىنى ئۆگەتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ پەيغەمبەرلىك بىلەن بىرلىكتە ئۆزىگە ئېھسان قىلىنغان ئىلىم، ھېكمەت ۋە سۇنتانلىقنى ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇھىتتا ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتتى.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى، تاغلاردىن ئۆتسە، تاغلاردىن: «مەندە ئالتۇن، جاۋاھىراتلار بار» دېگەن ئاۋاز كېلەتتى. «سەۋر قىلغىن، ۋاقتى كەلگەندە ئالىمىز» دەيتتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام.

لازىم تېپىلغاندا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دىۋىلەرنى ئىشقا سېلىپ، دۇر – جاۋاھىرلارنى ئالاتتى؛ ئادەملەرنى ئىمارەتلەرنى ياسىغىلى بۇيرۇسا، قۇشلارغا ئادەملەرنىڭ باشلىرىغا سايە سېلىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلاتتى.

شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش، يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىش، يېشىللىققا پۈركەندۈرۈش، پەن ۋە سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۆزىگە يارىشا ئىش تەقسىم قىلاتتى. يوللار، كاتتا سارايلار، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەر، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەر، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياساش قاتارلىق قىيىن ئىشلارنى جىنلارغا تەقسىم قىلاتتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، تىجارەت، سەنئەت قاتارلىق ئىشلارنى ئىنسانلارغا بېرەتتى. نۆۋەتتە تۇرۇش، يۈك توشۇش قاتارلىق ئىشلارنى ھايۋانلارغا بېرەتتى.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار، جىنلار ۋە ھايۋانلاردىن تەشكىل تاپقان زور قوشۇن تەشكىل قىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى بىجانىدىل بەجا كەلتۈرەتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بۇ نېمەتلەر قۇرئان كەرىمدە تەپسىلىي بايان قىلىنماقتا.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بەيتۇلمۇقەددەسنى بىنا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا ئۈچ تۈرلۈك تىلەكتە بولدى: ئۆزىدىن كېيىن ھېچكېمگە نېسىپ بولمايدىغان سەلتەنەت بېرىشىنى، ئىلاھىي ھۆكۈمگە ئۇيغۇن ھالدا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىشىنى، ناماز قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقساغا كەلگەنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتتىكىدەك گۇناھسىز بولۇشىنى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى تۈرلۈك تىلىكىنى مەقبۇل قىلغان،  ئۈچىنچى تىلىكىنڭمۇ قوبۇل قىلغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىشقا كىرىشتۈرگەن مەسجىدى ئەقسا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 7 يىلدا مۇككەممەل رەۋىشتە تاماملىدى. كېيىنچە قۇددۇستا ناھايىتى چوڭ ساراي بىنا قىلىشقا باشلاپ، 13 يىلدا پۈتكۈزدى. بۇ ئىمارەتلەرنىڭ بىنا قىلىنىشى جەريانىدا ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى ئاستىدا ئىشلىدى.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام زامانىدا تىنچلىق، باياشاتلىق، پاراۋالىق، ئاۋاتلىق، سەنئەت، ئىلىم ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. قۇدۇقلار، سۇ قاناللىرى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى، كۆۋرۈكلەر، ئۆي - ئىمارەتلەر سېلىنىپ، دامبىلار بەرپا قىلىندى، ئۇنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە شۆھرىتى پۈتكۈل جاھانغا پور كەتتى. ئۇ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىم – ئېرپان ۋە ھېكمەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز زامانىسىدىكى پادىشاھلار ۋە كاتتىلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولغا باشلىدى.

 

 


[1] ئەنئام سۈرىسى، 84 – ئايەت.

[2] ساد سۈرىسى، 35 – ئايەت.

[3] ساد سۈرىسى، 36 – ئايەت.

[4] ئال ئىمران سۈرىسى، 13 – 12 - ئايەتلەر.

[5] نەمل سۈرىسى، 15 – 16 - ئايەتلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر