تۇنجى سوھۇر بۈگۈن كېچە باشلىنىدۇ

ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى ئورتاقلىشىش ۋە ياردەملىشىش تۇيغۇلىرى مۇستەھكەملىنىدىغان رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشىغا ساناقلىق سائەتلەر قالدى.

739849
تۇنجى سوھۇر بۈگۈن كېچە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلاھىي نېمەتلەر ۋە بەرىكەتلەرنى ئورتاقلىشىش تۇيغۇسى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغان 11 ئاينىڭ سۇلتانى رامىزان ھازىرلىقلىرى تاماملاندى.

ئەتە باشلىنىدىغان رامىزان روزىسى ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن كېچە سوھۇرلۇق يېيىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ.

ئىستانبۇلدا بايرامپاشا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بالقان دۆلەتلىرىگە بەرىكەت ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى ئەۋەتتى.

بايرامپاشادىن يولغا چىققان بۇ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى رامىزان ئېيى بويىچە بالقان رايونىدا ئىپتار داستىخانلىرىنى سالىدۇ.

دۇئا – تىلەكلەر بىلەن يولغا چىققان ئاپتوموبىل  ئترەتلىرى بۇلغارىيە، سېربىيە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، ئالبانىيە، كوسوۋو، ماكېدونىيە ۋە گىرىتسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر