ھۆكۈمدار پەيغەمبەر داۋۇد ئەلەيھىسسالام

يۈكسەك تالانت ئىگىسى ۋە ھۆكۈمدار پەيغەمبەر داۋۇد ئەلەيھىسسالام

738877
ھۆكۈمدار پەيغەمبەر داۋۇد ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى. شۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئەتراپتىكى باشقا قەۋملەر تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى بار ئىدى.

شۇ چاغلاردا خەلق ئارىسىدا شەمۇيەل ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بار بولۇپ، يەرلىك خەلق ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە بىر پادىشاھ سايلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تالۇت ئىسىملىك بىرىنى پادىشاھ قىلىپ سايلىدى. تالۇت باشقا قەۋملەرگە ئۇرۇش ئېچىپ ئۇلارنى تالاپەتكە ئۇچراتتى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا رەگەتكە ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇنى رەگەتكە ئېتىشتا ھېچكىممۇ يېڭەلمەيتتى. ئۇ دەل نىشانغا تەگكۈزەتتى.

بىر قېتىملىق ئۇرۇشقا داۋۇد ئەلەيھىسسالام رەگەتكىسىنىمۇ ئېلىپ قاتناشتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇ مەزگىللەردە تېخى ياش ئىدى. شۇنداقتىمۇ  ئۇ دۈشمەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوماندانى جالۇتنى جەسۇرلارچە ئۆلتۈردى. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆھپىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، خەلق ئۇنى پادىشاھ سايلىدى. 40 ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بېرىلگەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تۆت چوڭ ساماۋى كىتابتىن بىرى بولغان زەبۇرنى نازىل قىلدى.

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا يۈكسەك تالانت ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق بولۇپ، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يېقىملىق دىنىي ناخشىلارنى ئوقۇيالايتتى. قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلاتتى. ئۇ ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا تاغلارمۇ ئۇنىڭغا جۈر بولاتتى.

بىر قېتىم ئۇ ئۆيىدە ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا ئۆزئارا جېدەللىشىپ قالغان  ئىككى ئادەم تامدىن ئاتلاپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىشتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ئۇلاردىن ئەنسىرىدى. ئۇلار بولسا داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئادالەت تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىنى سوراپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلاردىن بىرى:

- بىز ئاكا - ئۇكا بولىمىز، بىر مەسىلىمىز بار، سەندىن مەسىلىمىزگە چارە تېپىپ بېرىشىڭنى سورايمىز، - دېدى. يەنە بىرى:

- بۇياق مېنىڭ ئىنىم بولىدۇ، ئۇنىڭ 99 قويى، مېنىڭ پەقەتلا بىرلا قويۇم بار، ئەمما ئۇ مېنىڭ قول ئىلكىمدىكى بىر قوينىمۇ تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، ھەتتا مېنى ئىنساپسىزلارچە ئۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

- سېنىڭ چىشى قويۇڭنى پادىسىغا قوشۇۋالماقچى بولغان كىشى ساڭا يولسىزلىق قىلىپتۇ، شېرىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىر - بىرلىرىنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىپ پايدىلىق ئىشلارنى قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىراق بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئازدۇر.

دەسلەپ داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام سۆز باشلىشى بىلەن تەڭ ئۇ ئىككى ئادەم كېتىپ قالدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام كېيىنچە تامدىن ئارتىلىپ سارىيىغا كىرگەن ئىككى كىشىنىڭ پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام  يىلىنىپئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا گۈزەل ئىستىقبال ئاتا قىلدى. ئارقىدىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا: «ئەي داۋۇد! سېنى زېمىندا پادىشاھ قىلدۇق. شۇڭا سەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن» دېدى.

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا تۆمۈر يۇمشىتىش ۋە سوقۇش سەنئىتىنى ئۆگەتتى. تۆمۈر ئۇنىڭ قولىدا شامدەك ئېرىپ خالىغان شەكىلگە كىرەتتى. بۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ئىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام تۆمۈرلەردىن نەيزە سوقۇپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. ئاللاھ تائالا يەنە داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتتى. داۋۇت ئەلەيھىسسالام قۇشلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلاردىن بەزى خەۋەرلەرنى ئالاتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغاندا، قۇشلارمۇ بىر چەتتە تۇرۇپ ئاڭلايتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا باشلىغاندا، قۇشلارمۇ ئۇنىڭغا جۈر بولاتتى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن ئىشىنەتتى. ئىسرائىل ئوغۇللىرىمۇ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ  تائالا ئۇنى ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا پادىشاھ قىلدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام پادىشاھ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ پۇلىنى خەجلىمەستىن ئۆزى تىرىكچىلىك قىلاتتى، تۈن نىسپىدىن ئاشقاندىن كېيىن ئۇخلىماي ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلاتتى، يىلنىڭ يېرىمىدا روزا تۇتاتتى.

 ئاللاھ ئۇنىڭغا تۆت چوڭ ساماۋى كىتابتىن بىرى بولغان زەبۇرنى، پەرزەنت سۈپىتىدە ئۆزىگە ئوخشاش پەيغەمبەر بولىدىغان سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى ئاتا قىلدى.

بۇ قىسسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ئاتا قىلغان قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىكىلەرنى يەنە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز ناھايتى مۇھىم. خۇددى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە دىنىي ناخشىلارنى ئوقۇشقا ئىشلەتكىنىگە ئوخشاش.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قىسسە بىزگە، بىر ئىنساننىڭ پادىشاھ بولسىمۇ ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى لازىملىقىنى خاتىرىلەتمەكتە. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تائەت - ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىگە خۇددى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يۈكسەك تالانت ۋە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر