تۈركىيە مۇسابىقىدە 115 مېدال بىلەن ئالدىنقى قاتاردا
تۈركىيە 4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 115 مېدال بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
734298
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقە 4 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا تۈركىيە 43 ئالتۇن، 40 كۈمۈش ۋە 32 مىس بولۇپ، جەمئىي 115 مېدال بىلەن ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۈركىيەدىن قالسا ئەزەربەيجان 41 ئالتۇن، 24 كۈمۈش ۋە 16 مىس بولۇپ، جەمئىي 81 مېدال بىلەن ئىككىنچى رەتكە تىزىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلارنى تەبرىكلىدى.