رۇس چولپان تۈركىيەدە ساياھەتتە بولماقتا
رۇسىيەنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە چولپانلىرىدىن يېلېنا لېتۇچايا يولدىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە ساياھەتتە بولماقتا.
732068
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليانىڭ بەلەك ناھىيەسىدىن فوتو سۈرەتلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن چولپان، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «ساھىلدا دەم ئېلىۋاتىمەن، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن» دېدى.
ئۇ باشقا بىر رەسىمىدە «كەچلەك سەيلە» تېمىسىدا ئاستىدا تۈركىيەدىكى تەسىراتلىرىنى ھەمبەھىرلەشتى.