بەرات قەندىلى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى

ئىلاھىي رەھمەت ئىشىكلىرى داغدام ئېچىلىدىغان بەرات كېچىسى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە دۇئا – ئىبادەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

730352
بەرات قەندىلى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى
saraybosna.jpg
istanbul.jpg
bursa.jpg
ankara.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جامائەت بەرات كېچىسىنى كۈتۈۋېلىش، جانابىي ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن جامەلەرگە سەلدەك ئاقتى.

رامىزاننىڭ خەۋەرچىسى بولغان بەرات كېچىسىدىكى پىروگراممىلاردا جامەلەرگە تولۇپ تاشقا جامائەتكە «بەرات» ئىبارىسىنىڭ، «گۇناھلارنىڭ يۇيۇلۇشى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى.

پىروگراممىلاردا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى، ئىلاھىلەر ئېيتىلدى، دۇئا قىلىندى، ئاخرىدا خۇپتەن نامىزى ئوقۇلدى.

جامەلەردىن چىقىشتا جامائەتكە گۈل سۈيى ۋە لوقۇم ئىكرام قىلىندى.

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىكى چېدىر شەھەردە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن بەرات كېچىسى پىروگراممىسىدىمۇ سۈرىيەگە تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە ئامانلىق كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

بەرات كېچىسى چەت ئەللەردىمۇ جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە بەرات قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىشىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشقا كىرىشتۈرگەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ  چوڭ جامەلەردىن بىرى جايلاشقان مەركەزدىكى پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردا ياشاۋاتقان ئوخشىمىغان ئېتنىك مىللەتلەرگە مەنسۇپ كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ئىشتىراك قىلدى.

بەرات كېچىسى ماكېدونىيە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، كوسوۋونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر