ئەردوغان: پەيغەمبەرلەر شەھىرى بولغان قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىڭ سىمۋولى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈممەتنىڭ تۇنجى قىبلىسى، پەيغەمبەرلەر شەھىرى بولغان قۇددۇسنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە شان – شەرىپىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

728208
ئەردوغان: پەيغەمبەرلەر شەھىرى بولغان قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىڭ سىمۋولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى خەلىج قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا قۇددۇس فوندى جەمئىيەتلىرى مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ھەم ئېتىقادىي ھەم تارىخىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن قۇددۇسقا، قۇددۇس داۋاسىغا ۋە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇق ۋە ئادالەت كۈرىشىگە ناھايتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز، قۇددۇسنىڭ قايتىدىن تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك شەھىرى بولۇشى ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنماي تۇرۇپ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەلقئارا قانۇنغا ۋە بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارلارغا ھۆرمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

قۇددۇسنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇسۇلمانلارنى قۇددۇسنى، مەسجىدى ئەقسانى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى.

جامەلەردە بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇشىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان بىر قانۇن تەكلىپىنىڭ ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئۆزىلا تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش. بىزگە ھەمىشە دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى توغرۇلۇق ۋەز ئېيتىدىغانلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كەلگەندە سۈكۈتكە چۆمۈپ كېتىشى، گويا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان قەدىمىنى قوللىشى تولىمۇ ئىبرەتلىكتۇر. خۇدايىم بۇيرۇسا، قۇددۇستىن ئەزان سادالىرىنىڭ ياڭرىشىنى چەكلەشكە ھەرگىزمۇ يول قويمايمىز. ئەگەر ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەم بولسا، قورقۇشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بىزدە قورقۇش دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا ئىشىنىمىز، شۇڭا بىز ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قىلچە قورقمايمىز، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگىمۇ شۇنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمەنكى؛ ئەگەر سىلەر ئېتىقادىڭلارغا ئىشەنسەڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئەزان سادالىرىمىزدىن نېمىشقا قورقىسىلەر؟»

جازاسىز قالغان ھەر بىر جىنايەتنىڭ جاۋابكارىنى تېخىمۇ  ئەسەبىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنىڭمۇ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەر، قەتلىئاملار ۋە زۇلۇم – سىتەملەر توغرۇلۇق خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھېساب سورماي تۇرۇپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىزدىنىشلىرى ھەمىشە نەتىجىسىز قېلىشقا مەھكۇمدۇر» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر خىل كۈچلەردىن ئىلھام ۋە جاسارەت ئېلىپ، قانۇن ۋە ھەق – ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساس قىلىنغان، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، ئۆز – ئۆزىگە خوجا مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلارنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك ھەم ناھايتى چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھاماس ئېلان قىلغان سىياسەت ھۆججىتىگە ھەم پەلەستىن داۋاسى ھەم ھاماس بىلەن فەتىھ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىك باسقۇچىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارايدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر