تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 28.04.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

722346
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 28.04.2017

 

ساباھ گېزىتى، «ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ مۇئەييەنلەشكەن رەسمىي نەتىجىسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دۆلەتلىك ئالىي سايلام كومىتېتى 16 – ئاپرىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ مۇئەييەنلەشكەن رەسمىي نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. رەمسىي نەتىجىگە كۆرە، قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەر %51.41 ۋە رەت ئاۋازى بەرگەنلەر %48.59 بولدى. قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 25 مىليون 157 مىڭ 463 ۋە رەت ئاۋازى بەرگەنلەرنىڭ سانى 23 مىليون 779 مىڭ 141 بولدى. سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 49 مىليون 798 مىڭ 855 بولۇپ، ئىناۋەتكە ئىگە ئومۇمىي بىلەت سانى، 48 مىليون 936 مىڭ 604 بولدى. ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىش نىسبىتى %85.43 بولۇشتەك يۇقىرى نىسبەت مەيدانغا كەلدى.

سىتار گېزىتى، «يېڭى تۈركىيە ئۈچۈن تۈنجى قەدەم» سەرلەۋھىلىك خەۋىردە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن كاتتا ئۆزگىرىشلەر باشلاندى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئارا 21 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىش باشلىنىپ كەتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن ئۈچ يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بولدى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدىن كېيىن پارتىيەنى يېڭى بىر ھاياجان ۋە دىنامىك كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ياۋروپا قىلغىنىغا پۇشايمان بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ تۈركىيەنى سىياسىي نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارىارىغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ خامچوتىغا ئوڭ كۆپ ھەسسە قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى تۈركىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمدى ئۇنى تۆۋەنلىتىمىز. ئەڭ ئەقەللىي سەۋىيەدە پۇل تاپشۇرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىلگىرىكى ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۆرەلمەيدۇ» دېدى. تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ خامچوتىغا 33 مىليون ياۋرو ھەسسە قوشقان ئىدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «پ ي د نى ئۆلۈم قورقۇنچىسى چىرمىۋالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

تۈركىيە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان تېررورچىلارغا تۈنجى قېتىم زەربە بەرگەندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكا باشچلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشىنى توسۇپ قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر بىلەن چۈشكەن رەسىملەر ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئېڭىدا ئۆزلىرىگە نىسبەتەن «ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىلار» دېگەن ئۇقۇم پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. پ ي د تۈركىيەنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئاخىرىقى چىقىش يولى سۈپىتىدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى باشلىدى. چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ تۈركىيەدە تېررورلۇق قىلىۋاتقان پ ي د، ئىراق - سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رايوننى تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىن «بىخەتەر رايون قۇرۇش» چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ئورتاق نىشانىمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى رىك پېررىي ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ 2017 - يىللىق ئىستانبۇل ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئۆتىڭى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رىك پېررىي: «ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن نۇرغۇنلىغان ساھالەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئىپتىخارلىنىدۇ. تولىمۇ ياخشى سودا شېرىكىمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىمۇ ئىتتىپاقدىشىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ يىقىن دوستىمىزدۇر. بىز تۈركىيەنى رايونغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تېخىمۇ يىقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. چۈنكى باياشت بىر كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق نىشانلىرىمىز بار» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر