باش مىنىستىر يىلدىرىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «39 – نۆۋەتلىك ت ر ت خەلقئارا 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن 26 دۆلەتتىن كەلگەن ئۆسمۈرلەرنى چانكايا سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

717763
باش مىنىستىر يىلدىرىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلدى
başbakan 23 nisan çocukları2.jpg
başbakan 23 nisan çocukları1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە ئۆسمۈرلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەتلىك مېھمانلار ھېسابلىنىسىلەر. 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتكۈل ئۆسمۈرلەرگە بەخت – سائادەت، خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.»

23 – ئاپرېل بايرىمىنىڭ دۇنيادا پەقەت تۈركىيەدىلا خەلقئارالىق سەۋىيەدە ئۆسمۈرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تەبرىكلىنىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كۈننىڭ تۈركىيە مۇستەقىللىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

23 – ئاپرېل بايرىمىنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بالىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان تىنچلىق، سۆيگۈ ۋە قېرىنداشلىق زىياپىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كاشكى بىز چوڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يەرگە جەم بولۇپ، قېرىنداش بولالىساقچۇ، سۆيگۈلىرىمىزنى ئىزھار قىلالىساقچۇ. كاشكى بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە تاقابىل تۇرالىساقچۇ، سىلەرگە ئوخشاشلا دۇنيامىزنى گۈل – چېچەك باغچىسىغا ئايلاندۇرالىساقچۇ. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە 23 – ئاپرېل كۈنىنى بالىلارغا سوغات سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە خەلقىمىز نامىدىن چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز.»

يىلدىرىم بالىلار ئۈچۈن «ھاياتلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل خاتىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولۇشى» غا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك بالىلار بىزنى، بۈگۈننى، تۈركىيەنى ۋە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرۇڭلار، ئۆزئارا ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماڭلار، دوستلۇقۇڭلارنى كۈچەيتىڭلار. چۈنكى سىلەر ئورنىتىدىغان دوستلۇقلار ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى كەلگۈسىدە سىلەرگە ئامانەت قويۇلىدىغان بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ھۇزۇرلۇق، تېخىمۇ تىنچ ۋە بىر يەردە ياشىغىلى بولىدىغان قىلىدۇ.»

دۇنيادىكى بارلىق بالىلار ئۈچۈن تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە پارلاق ئىستىقبال تىلىگەن يىلدىرىم، «بىز چىن دىلىمىزدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە، ھېچبىر بالا ناھەقچىلىككە ئۇچرىمىسۇن، كېلەچىكى نابۇت قىلىنمىسۇن، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسۇم كۆزلىرىدىن ھېچ ياش تۆكۈلمىسۇن، ئاتا – ئانىلار دەرد - ئەلەم تارتمىسۇن.»

بۇ ئارىلىقتا، « www.trt23nisan.com» ئىنتېرنېت توپر ئادرېسىدىن ۋە « facebook.com/TRT23Nisan» ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى facebook سەھىپىسىدىن  ت ر ت خەلقئارا 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر