دانىيەدىكى مۇسۇلمانلار يېڭى بىر چوڭ جامەگە ئېرىشتى

ياۋروپانىڭ كۈلتۈر پايتەختى بولغان دانىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئارۇشتا قۇرۇلۇشى تاماملانغان «بىرابران ئۇلۇ جامەسى»نىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

713228
دانىيەدىكى مۇسۇلمانلار يېڭى بىر چوڭ جامەگە ئېرىشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ، دانىيە تۈرك دىنىي ئىشلار ۋەقپىسىگە تەۋە ئىبادەتخانىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ۋە يېڭىدىن ياساپ چىقىلغان 2 – جامە  بولۇپ، ھويلىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا «ئۇلۇ جامەسى» بىناسىلا 1200 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. 

جامەنىڭ گۈمبىزى 14 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى 14 مېتىر، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا 24 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇلۇ جامە كۈللىيە شەكلىدە لايىھەلەندى. ئۇنىڭدا كونفېرانس زالى، سىنىپ ۋە پائالىيەت ئىشخانىلىرى، ئاشخانا ۋە چايخانىمۇ بار. جامەنىڭ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەركىزىي قىسمى 300 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. جامەنىڭ گۈمبىزىنىڭ نەقىشلىرى تۈركىيەدىن بارغان نەققاشلار تەرىپىدىن پۈتكۈزۈلدى. ئىبادەت بۆلۈمىدىكى گېلەملەر، مۇنبەر ۋە مېھرابلارمۇ تۈركىيەدىن مەخسۇس ئېلىپ كېلىندى.

دانىيەلىك بىر قۇرۇلۇش شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەن ئۇلۇ جامەگە تەخمىنەن 18 مىليون كىرون (يەنى 9 مىليون 500 مىڭ لىرا) چېقىم كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر