دۇنيا سۈرىيەنىڭ ئۆلۈمىگە سۈكۈت قىلماقتا

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ 2017 – يىلى 11 – ئاپرىلدا ئىنگىلىزچە «DailySabah» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى.

712182
دۇنيا سۈرىيەنىڭ ئۆلۈمىگە سۈكۈت قىلماقتا

سۈرىيە، دۇنيا ئۇنى تاماشا قىلىۋاتقان ھالدا ئۆلمەكتە. ئەسەد ھۆكۈمىتى ئىشلەتكەن خىمىيەلىك قورال ۋە ئېغىر تىپلىق ۋەيران قىلغۇچ  بومبا ۋە قوراللار پەقەتلا سۈرىيەلىك ئاياللار ۋە بالىلارنى ئەمەس، بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزنىمۇ ئۆلتۈرمەكتە.

ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 2012 – يىلى 4 - دېكابىردا ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، «ئەسەد ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدىكىلەرگە شۇنى كىسىپ ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن دۇنيا سىلەرنى كۆزەتمەكتە» دېگەن ئىدى. بۇ ئەسەد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. ئەسەدە 2013 – يىلى 21 - ئاۋغۇست كۈنى خىمىيەلىك بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى. دەمەشق ئەتراپىدىكى غوتە رايونى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ ئەڭ ئاز 1500 كىشى ئۆلدى. ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن ئەمدىكى چاغدا بولسا، ئەسەد يېقىنقى تارىختىكى ھەرقانداق شەخستىن كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بىرسىگە ئايلاندى. ئەسەد بۇ قىرغىنچىلىقنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇرغان ئەھۋالدا ھەم خىمىيەلىك بومبىلار بىلەن، ھەم ئېغىر تىپلىق ۋەيران قىلغۇچ قورال ۋە بومبىلار بىلەن ئېلىپ باردى.

2017 – يىلى 4 - ئاپرىلدا خان شەيخونغا قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇم بولسا، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پەقەت ئاخىرقى ۋەيرانچىلىقى ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرىيەدە مەيداندىكى جەسەتلەرنى ساناشنىمۇ توختاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ب د ت خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ئوخشاشلا 21 – ئەسىردىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشنى توختىتىشتا ئارقىمۇ ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.

2017 – يىلى 22 – فېۋرالدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلاردا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ئۆلگەن. بىراق ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ بۇيرىقى ئاستىدىكى مىلىتانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بەلكىم 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. نە جەنۋە مۇزاكىرىلىرى نە ئاستانە مۇزاكىرىلىرى ئەسەدنى خىمىيەلىك بومبىلارنى ۋە ئېغىر تىپلىق ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىشتىن توسۇپ قالالمىدى. دۇنيا ئۇنىڭ قەتلىئاملىرىغا قاراپ تۇرىدىكەن ۋە ئەسەدنىڭ گويا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشىنى قوبۇل قىلىپ كېتىۋېرىدىكەن، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەھشىيلىك يولىنى داۋاملاشتۇرۇشى تۇرغانلا گەپ.

خىمىيەلىك قوراللار، ۋارىل بومبىلار ۋە راكېتامىيوتلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇج كېلىپمۇ ھاياتىنى قوغداپ قالالىغانلار بولسا، مىليونلارچە مۇساپىر ۋە ۋەتەنسىزلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر دوكلاتى ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2011 – يىلىدىن 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان جەرياندا جەمئىي 4 مىليون 800 مىڭ كىشى سۈرىيەدىن قېچىپ چىققان. پەقەت 2016 – يىلىدىلا 200 مىڭ كىشى مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرلىك ياردەم باشقارمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا  قارىغاندا، 6 يىل ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكى كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي 6 مىليون 600 مىڭ كىشى سۈرىيەنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ سان سۈرىيە  نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەڭ ئېچىنىشنىارلىقى شۇكى، مىڭلارچە سۈرىيەلىكنىڭ ئاقدېڭىز بىلەن ئەگەنىڭ سوغۇق سۇلىرىغا غەرق بولۇشى ئىدى. تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2 مىليوندىن ئارتۇق بالا مۇساپىر بىلەن بىرلىكتە، 8 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك بالا جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

خان شەيخوندىكى خىمىيىۋى قوراللار ھۇجۇمىغا ئامېرىكا توغرا شەكىلدە ئىنكاس قايتۇردى، بۇ قۇرۇق گەپ بولماستىن كونكرېت قەدەم ئىدى. ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسلارنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئامېرىكىنىڭ تاشلىغان بۇ قەدىمى تولىمۇ يېتەرسىز ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ كونكرېت چارىسى سۈرىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايلىمايدۇ، ئەسەدنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ زەربىسىدىن كېيىن خىمىيىۋى قوراللار ئىشلىتىشكە جاسارەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق، بىراق خىمىيىۋى قوراللارغا مەركەزلىشىش ئەمەلىيەتتە ئەسەدكە نىسبەتەن يوشۇرۇن ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئەسەد بۇ ئەھۋالنى مۇنداق چۈشىنىدۇ: ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى پەيدا قىلغان جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن، چۈنكى دۇنيا خىمىيىۋى قوراللار ئىشلىتىلگەندە ئاندىن ھەرىكەت ئۆتىدۇ.»

ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئىنسانىي كىرىزىس سىياسەت  ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش بۇنچىلىك زور يوقىتىشلارغا سەۋەب بولمىغانىدى. سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سۈرىيە ياكى يېقىن قوشنىلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئىلىگىرى سۈرگۈچىلەر ئېغىر خاتالاشقان بولىدۇ. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رايونلۇق سىياسەتنى زەھەرلەيدىغان ۋە دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى  بۇزۇۋېتىدىغان ئۇرۇشتۇر، شۇنداقلا  دەۋرىمىزدە پەيدا بولغان ۋاكالەت ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. غەيرى دۆلەت كۈچلىرى ئۇرۇش گۇرۇھلىرىدىن تەشكىل تاپقان بەگلىكلەر قۇرۇشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپ تېگىدىنلا ئاجىز بولغان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ھالسىزلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئۇرۇشتۇر. ئىراقتىن لىۋانغىچە بولۇپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مەزھەپ سۈركىلىشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، دۇنيا مىقىياسىدا مۇساپىرلار كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا، نەتىجىدە ياۋروپادا چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەل قائىدە ۋە دائېشقا ئوخشاش رادىكال تېررورچىلار ئۈچۈن باش كۆتۈرۈش ۋە زورىيىش زېمىنى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېخى ئۈچ يىل ئىلگىرىلا سۈرىيەدە دائېش دەپ بىر نەرسە يوق ئىدى، سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە ئىراقتىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەت دائېشنى ھازىرقىدەك ۋەھشىي ۋە يالماۋۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، قىسقىسى، سۈرىيە ئۇرۇشى ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئىنساننىڭ ئىززەت-شەرىپىنى قوغداش ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسلىرىغىمۇ ئېغىر زەربە بەرمەكتە. دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كۆپ خىللىق شوئارلىرىنىڭ بارلىق ئاساسلىرى سۈرىيە خەلقى ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى بىلەن خەلقلەرنى قوغداش كۈچلىرىنى قوللاش سىياسىتى يولغا قويغاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغان تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولدى. سۈرىيە ئۇرۇشى سەۋەب بولغان بۇ رايونلۇق ۋە گىئوسىياسىي مەسىلىلەر تولىمۇ گەپ.

سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  ئەسەدنى قوللاپ كېلىۋاتقانلار  ئامېرىكىنىڭ ئەسەدكە تەۋە بىر ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلىشىغا قاراپلا ئەسەدنى قوللاشتىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئەسەدمۇ مۇقتەدا ئەس-سادىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىلغان ئىستېپا چاقىرىقىغا قۇلاق سالمايدۇ، ئەسەدنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنى رۇسىيە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھ قوللايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى قارارسىز ۋە ئاجىز خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائېشتىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى «ئەسكىنىڭ ياخشىسى»سۈپىتىدە  تونۇتۇش ئۈچۈن ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەكلىپى مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ،يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئېلىپ بېرىلغان خىمىيىۋى قوراللار ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشقا ياراپ قېلىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى، بىراق ئاتلانتىكنىڭ ھەر ئىككى قىرغىقىدا تۈركىيەنىڭ بۇ تەكلىپىگە قۇلاق سالغانلار چىقمىدى، تۈركىيە ھازىر تەخمىنەن 3 مىليون مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلماقتا، سۈرىيەدىكى ئون مىڭلارچە كىشىگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

شەكسىزكى، دائېشقا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ۋە بۇ تەشكىلاتنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش كېرەك. بۇ يالماۋۇز تەشكىلات تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ ئېغىر تىراگېدىيەلەرنى پەيدا قىلدى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر يالماۋۇزى ئەسەد ۋە زۇلۇمىغا كۆز يۇمۇش ئەخلاقىي چىرىكلىك ۋە سىياسىي ئاپەتتۇر. 10-ئاپرېلدا ئىتالىيەدە چاقىرىلغان گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا رۇسىيەنىڭ سۈرىيە توقۇنۇشىغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەسەد تۈزۈمىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە رۇسىيەنى قايىل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل بولدى.

سۈرىيە «ئۆلمەكتە»چۈنكى پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا، ئەسەد قىسىملىرى ئىشلەتكەن خىمىيىۋى ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن پەقەت سۈرىيەلىك بالىلار ۋە ئاياللارلا ئەمەس بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزمۇ ئۆلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر