گېرمانىيەدە 17 ياشلىق مۇسۇلمان قىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە ياغلىق چەگكەن 17 ياشلىق قىز كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
710499
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چەت ئەل دۈشمەنلىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بېرلىندە نامەلۇم كىشىلەر قاتتىق ئۇرغاندىن كېيىن بالنېسقا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تېمپېلھوۋېر دام كوچىسىدا كېتىۋاتقاندا، ياغلىق چەگكەنلىكى ئۈچۈن بىرى ئايال بولۇپ، 3 كىشى ئالدى بىلەن ئۇنى تىللاپ، ھاقارەتلىگەن، ئارقىدىن قاتتىق ئۇرغان، تاياق زەربىسىدىن قىزنىڭ ۋۇجۇدى زەخمىلەنگەن ۋە قولى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدىن تەكشۈرۈش باشلانغان.