مەھمەت گۆرمەز: دىنىي بىخەتەرلىك بولمىغان جايدا ھېچ نەرسىنىڭ بىخەتەرلىكى بولمايدۇ

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز: «رەھىم – شەپقەت دىنى بولغان ئىسلام، باشقا جايلاردا قورقۇنچلۇق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇلماقتا. ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى، شەھەر – ناھىيەلەرنى، ھۆكۈمەت ۋە قەلبلەرنى ئىشغال قىلماقتا» دېدى.

703608
مەھمەت گۆرمەز: دىنىي بىخەتەرلىك بولمىغان جايدا ھېچ نەرسىنىڭ بىخەتەرلىكى بولمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، ئوتتۇرا شەرىقتە قان تۆكۈلۈش بىلەن بىرگە دىنىي بىخەتەرلىكنىڭمۇ خەۋپ ۋە تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەھمەت گۆرمەز تەكىرداغ نامىق كامال ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي خادىملار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمەتنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

دىنىي بىخەتەرلىك بولمىغان يەردە، جان، ئەۋلاد، مال – مۈلۈك ۋە ئەقىلنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ يوقالغان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوتتۇرا شەرىقتە قان تۆكۈلۈش بىلەن بىرگە دىنىي بىخەتەرلىكنىڭمۇ خەۋپ ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمەت گۆرمەز يەر يۈزىگە رەھمەت، ئىمان ۋە خاتىرجەملىكنى ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنىڭ گىنلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق ۋە ۋەھشىيلىك بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىنىڭ تولىمۇ ئەۋج ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەھمەت گۆرمەز: «رەھىم – شەپقەت دىنى بولغان ئىسلام، باشقا جايلاردا قورقۇنچلۇق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇلماقتا. ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى، شەھەر – ناھىيەلەرنى، ھۆكۈمەت ۋە قەلبلەرنى ئىشغال قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر