بىريۇسسېلدا «ئاياللار ۋە سىياسەت» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا «8 – مارت خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاياللار ۋە سىياسەت» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

688133
بىريۇسسېلدا «ئاياللار ۋە سىياسەت» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رۇھى ئاچىقگۆز يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇشىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان جىنسىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سابىق ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى تانەت يىلدىز خانىم – قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتقا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنىڭ ناھايتى زور ھەم مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە قوغداشتا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغان ۋە  قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر