تۈركىيە دۇنيا ئاياللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى

ئەنقەرە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى دائىرىسىدە تۈرلۈك كەسپىي كۇرسلارنى ئاچتى.

686643
تۈركىيە دۇنيا ئاياللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقاردا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن رېمۇنت قىلىنغان تسىمبازازا خانىم – قىزلار كەسپىي تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئېچىلدى. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى مەركەزنى مېيىپلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاككۇمۇلياتورلۇق ئۈسكۈنىلەر، تېمپېراتۇرا تۇراقلاشتۇرۇش ساندۇقى ۋە  داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى. 

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئايال كارخانىچىلار بىناسىنى رېمۇنت قىلىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئورگان تەرىپىدىن ئافغانىستاننىڭ جەۋىزخان ۋىلايىتىدە ئېچىلغان قۇرئان كەرىم، تىككۈچىلىك، ئۆي جاھازلىرى ۋە كەشتىچىلىك كۇرسلىرىدىن كۆپ ساند ئاياللار پايدىلاندى.

قاراتاغدا ئاياللار پاناھلىنىش ئۆيى رېمۇنت قىلىنىپ، گىلەمچىلىك، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، سوغات بۇيۇملىرى ۋە بېزەك كۇرسلىرى ئېچىلدى. سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئاياللارغا  تىكىش ماشىنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرى سوغا قىلىندى.  ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى ئالتىنكۆپرۈ تۈركمەن ئاياللار بىرلىكى زاۋۇتىغا تىكىش ماشىنلىرى ۋە ماتېرىياللىرى ياردەم قىلىندى. كوسوۋادىمۇ تۈرك مۇتەخەسسىسلەر بېزەك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۇرسلىرىنى ئاچتى. نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇردا تەخمىنەن 400 خانىم - قىزلار كۇرسلىرى تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر