قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يەنە 5 مىڭ دانە بېسىلىدۇ

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ «دۇنيادا قۇرئان كەرىم نەشر قىلىنمىغان بىر تىلمۇ قالمىسۇن» دېگەن پىلان-لايىھەسى بويىچە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يەنە 5 مىڭ دانە بېسىپ تارقىتىش قارار قىلىنغان.

686514
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يەنە 5 مىڭ دانە بېسىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى «دۇنيادا قۇرئان كەرىم نەشر قىلىنمىغان بىر تىلمۇ قالمىسۇن» دېگەن لايىھە بويىچە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىشنى 2016-يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەن بولۇپ، يېقىندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن 2مىڭ پارچە بېسىپ تارقاتقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپېرانتى شۇنداقلا ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تۈزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى شۆبە ئىشخانىلىرى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىلەر!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر