ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى راماللاھتا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ راماللاھتا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۇ جايدا توقۇنۇش ئاۋازلىرى ئاڭلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

685427
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى راماللاھتا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتىكى راماللاھتا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن راماللاھ شەھىرىدە ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشتە 31 ياشلىق باسىل ئەلئاراج ئىسىملىق پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بولسا، راماللاھقا كىرىش ئېغىزىغا يېقىن جايدا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋەقەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىدىن ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكنىڭ ئەسلىدە ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بىر بىر يەرئاستى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغانلىقى ئۇچۇن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان گۇماندار ئىكەنلىكى، تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن جايدا 2 مىلتىق قولغا چۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى»

باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تاش ئاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ئوق ئېتىپ تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا 2 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ راماللاھتا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۇ جايدا توقۇنۇش ئاۋازلىرى ئاڭلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى رايوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلنغانلىقى ۋە يەردە قان ئىزلىرىنىڭ كۆرۈنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر