ئەڭ ئاۋۋال خەت يېزىشنى ئىجاد قىلغان پەيغەمبەر ئىدرىس ئەلەيھىسسالام

ئاللاھ تائالا چەكسىز پەزلى بىلەن تاللاپ، ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ھەرقايسى قوۋملەرنىڭ پەيغەمبەرلىرى پەقەت ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچىلا ئەمەس، ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلمىدا كامىل، ئەخلاقىي ئېسىل، ھۈنەر - كەسپتە ماھىر ئىدى.

682666
ئەڭ ئاۋۋال خەت يېزىشنى ئىجاد قىلغان پەيغەمبەر ئىدرىس ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىدرىس ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاۋۋال خەت يېزىشنى ئىجاد قىلغان ھەم رەخت توقۇش، كىيىم تىكىشتە كامالىغا يەتكەن قالتىس ئۇستاز ئىدى.

ئىدرىس ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە «ئىدرىس» دەپ ئاتالغان ھەم مۇشۇ ئىسىم بىلەن تونۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك، سەلتەنەت ۋە ھېكمەت ئاتا قىلغان. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى قابىلنىڭ قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن.

ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى تەۋھىد كۈرىشى شىش ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى. چۈنكى بۇ كۈرەشنىڭ تاكى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر داۋاملىشىشى تەقدىر قىلىنغانىدى. ئادەم بالىلىرى بۇ كۈرەشتە ھەق سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى، باتىل قوشۇنىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، شەيتانغا قۇل بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! <شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر> دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»[1]

ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەۋھىد يولباشچىسى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىككىنچىسى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. «ئىدرىس» ئىبارىسىنىڭ ئەرەبچە ئىبارە ئەمەسلىكى، خاس ئىسىم ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر ساماۋى كىتابلاردا «خانوق»، قۇرئان كەرىمدە «ئىدرىس» تەرىقىسىدە زىكرى قىلىنغان ئىبارىنىڭ ئىبرانى تىلىدا «ۋەز - نەسىھەت قىلىش ۋە يورۇتۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىسمىنى قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە زىكرى قىلغان:

بىرىنچىسى، «كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى. ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق. ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ.»[2]

ئىككىنچىسى، « ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى). ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى.»[3]

 ئاللاھ تائالا ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى شەيتانغا ئەگىشىپ، توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ قەۋم ئازغۇنلۇقتا شۇنچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدىكى، تېخى شىش ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد توغرۇلۇق قىلغان ۋەز – نەسىھەتلىرىنىڭ ئىزى ئۆچمەي تۇرۇپلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن، جەمئىيەتتە بۇزغۇنچىلىقنى يايغانىدى.

ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە، يېڭى تۇغۇلغان ئەۋلادلارنىمۇ ئوخشاشلا ناچار ئەخلاق ئۈستىدە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭمۇ شەيتانغا ئەگىشىشىگە سەۋەبچى بولدى.

ئاللاھ تائالا بۇ يېڭى ئەۋلادلارغا؛ جۈملىدىن مەجبۇرىي ۋە بېسىم بىلەن بۇزغۇنچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىلگەنلەرگە، ھەتتا ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرغۇچى مۇشتۇمزورلارغا ھىدايەت يولىغا مېڭىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.

ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئۇنىڭمۇ دەۋىتى ھېسابلىناتتى. بۇ دەۋەت قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: <ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار> دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.»[4]

« ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: <مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار> دەپ ۋەھيى قىلدۇق.»[5]

 ئىدرىس ئەلەيھىسسالاممۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانلارنى شەيتانغا ئەگىشىش ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭغا تائەت - ئىبادەت قىلىشقا چاقىردى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ مەنىۋى مىراسى بولغان ھەق يولغا مېڭىش ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ چاقىرىقنى ياقتۇرمىدى، خۇددى مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقاندەك،  ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىمۇ ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ چاقىرىقىغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتتى. ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى كەمسىتتى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزدى، ھە دەپ ھەددىدىن ئېشىپ، (كۇفرىدا) چىڭ تۇرۇپ، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە باتىلنى تاللىدى، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە تۇرۇۋاتقان يەردىن يىراقلىشىپ، كارۋانلار ھالىتىدە قابىل ئوغۇللىرى ياشاۋاتقان باتىل رايونىغا يەرلەشتى.

 ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەر يۈزىدە تۇنجى جىنايەتنى سادىر قىلغان قابىلنىڭ نەسلىدىن كەلگەن ۋە ئىلاھىي نىزامغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قابىل ئوغۇللىرىغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئىدرىس ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلدى ۋە جىھادتا غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى، كېيىنچە ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان تۇنجى پەيغەمبەر بولۇپ قالدى.

ئاللاھنىڭ يولىدا تاتلىق مال – مۈلكى ۋە ئەزىز جېنى بىلەن جىھاد قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ دەستۇرىدۇر. ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ بايانلىرىمۇ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر:

«ئەگەر مەندە ئۈممىتىمنىڭ مۇشەققەت تارتىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىش قورقۇنچىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھېچبىر جىھادتىن قېلىپ قالمىغان بولاتتىم. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىۋېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشنى، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ تەكرار ئۆلتۈرۈلۈشنى، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ تەكرار ئۆلتۈرۈلۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.»[6]

 

 


[1] ياسىن سۈرىسى، 60 – 62 – ئايەتلەر.

[2] مەريەم سۈرىسى، 58 – 62 – ئايەتلەر.

[3] ئەنبىيا سۈرىسى، 85 – 86 – ئايەتلەر.

[4] نەھل سۈرىسى، 36 – ئايەت.

[5] سۈرە ئەنبىيا، 25 – ئايەت.

[6] بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر