تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.02.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

679569
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.02.2017

 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ترامپقا تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش قوماندانى جۇسېف دانفورد سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا سۇنىدىغان سىياسىي ۋە ھەربىي تاللاشلاردا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ داۋاملاشتۇرىلىشى يولىدا ئېتىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدە سۆز قىلدى. دانفورد: «ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرىلىشىمىز ۋە پىلانلىرىمىزدا تۈركىيە بىلەن بولغان كۈچلۈك ئىتتىاپقداشلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي بولۇشىمىز كېرەكلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «گېرمانىيەدە پ ك ك غا رۇخسەت بار، ئەردوغانغا يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

داۋاملىق ئەركىنلىكنىڭ تەغمىسىنى چېلىپ يورىدىغان گېرمانىيە، تۈركىيەگە قارشى تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قول – قانات كېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يىغىن ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن گېرمانىيە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رېفېراندۇم يىغىنى ئۈچۈن «توسقۇنلۇق قىلىش لازىم» دېگەن سەپەۋەرلىكنى باشلاتتى. شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رالف جاگېر فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىدە ياكى گېرمانىيەنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بۇ خىل يىغىلىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنى توسۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «كونسولدا بىر پ ك ك ئەزاسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:  

ئامېرىكىنىڭ ئادانادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تەرجىمانى ھەمزە ئۇلۇچاي تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا قولغا چۈشتى. ماردىن قىزىلتەپەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قويرۇقچىسى ك ج ك نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە كوچىلاردا كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمزە ئۇلۇچاي، ئۆتكەن يىلى 1 – مارتتا ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جېھ جونسۇننىڭ ئادانادىكى چېدىر شەھەردە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تەرجىمانلىق قىلغان ئىدى.

سىتار گېزىتى، «تۈنجى گاز 2018 – يىلىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

ئەزەربەيجان گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورى لايىھەسى يىغىنى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيىېۋ: «2011 – يىلىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرببا لىنىيەسى لايىھەسىگە ئىمزا قويغانلىقىمىز، بۇ لايىھەنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى» دېدى. تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراقمۇ «تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرببا لىنىيەسى لايىھەسى قۇرۇلۇشىنىڭ %65 ى تاماملاندى. 2018 – يىلى گازنى ماڭدۇرۇشقا باشلايمىز» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «يەنە ئىككى تىل تاللاش دەرسلىكى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كېلەر يىلى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلماقچى بولغان ئالبانچە، ۋە بوشناقچە تىللارنى تاللاش دەرسلىكى قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ ئىككى تىل «ئىشلىتىلىۋاتقان تىللار ۋە شىۋىلەر» دەرسلىكى ئىچىگە داخىل قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر