سالىھ ئەلەيھىسسالام

سەمۇد قەۋمىگە ئەۋتىلگەن پەيغەمبەر سالىھ ئەلەيھىسسالام

677962
سالىھ ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاد قەۋمى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەي ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يەر – زېمىن ۋە يۇرت – ماكانلىرىغا سەمۇد قەۋمىنى ۋارىس قىلدى.

سەمۇد قەۋمىنىڭ زېمىنى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان گۈزەل ھەم چىرايلىق بولۇپ، باغچىلار، بوستانلار، بۇلاقلار، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇلار بىلەن تولغان ئىدى.

سەمۇد قەۋمى بىناكارلىق، تىرىقچىلىق ۋە باغ ئەھيا قىلىشتا ئاد قەۋمى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولسىمۇ، ئەمما، ئەقىل - پاراسەت ۋە سانائەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. چۈنكى، ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئۆيلەرنى ياسايتتى، ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەر خىل بەدىئىي رەسىملەرنى نەقىش قىلىپ ئوياتتى.

ئۇلار ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۈنەر-سانائەتكە تايىنىپ، زېمىننى ئاد قەۋمىدىكىدىنمۇ ياخشىراق گۈللەندۈردى: تاشلاردىن گويا مومدىن پايدىلانغاندەك پايدىلاندى، تاشلارنى خوددى مومنى ئېرىتكەندەك ئېرىتىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياسىدى، يېڭىدىن بۇلاق ئاچتى، مېۋىلىك دەل – دەرەخلەرنى تىكتى، ئۆي – ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى، ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە تاغلارنى تېشىپ ئۆڭكۈرلەرنى ياسىدى، كۈنىنى بەختلىك، باياشات ئۆتكۈزدى.

ئۇلارنىڭ شەھرىگە كىرگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا-قەسىرلىرىنى كۆرۈپ: «بۇلارنى چوقۇم ئادەملەر ئەمەس، بەلكى، جىنلار بىنا قىلىپتۇ» دەپ ئويلسا؛ تاملارغا ئويۇلغان گۈل-چىچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ: «بۇ ھەرگىز ئويما رەسىم ئەمەس، بەلكى، باھار پەسلىدە مۇنبەت تۇپراقتا ئۈنگەن راست گۈل-چىچەكلەر ئىكەن» دەپ قالاتتى.

جانابىي ئاللاھ سەمۇد قەۋمىگە ئاسمان-زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى كەڭ ئېچىپ بەردى، ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە بايلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇلارغا كەڭ ئاچتى. ئاسمان مول يامغۇر بىلەن، زېمىن گۈل-چىچەكلەر بىلەن، باغلار مېۋە-چىۋىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كۈچ قوشتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلدى.

لېكىن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا شۈكۈر قىلمىدى، كۈندىن – كۈنگە كۆرەڭلەپ ۋە چۈشكۈنلىشىپ، تۇيۇق يولغا ماڭدى، بۇتقا چوقۇنۇپ ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمىدى. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق بەختلىك ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەتتە ئۆتىمىز، دەپ چاغلىشاتتى.

ئاللاھ تائالا سەمۇد قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ ئەقىللىق، كۆڭۈل – كۆكسى ئەڭ كەڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى يېگانە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىردى. ئۇلارغا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقىنى، پۈتكۈل زېمىننى ياراتقانلىقىنى، ئۇلارنى مۇشۇ زېمىندا كۆپىيىپ بىر – بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقىنى ھەم ئۇلارغا كۆرۈنەر ۋە كۆرۈنمەس نېمەتلەر ۋە بەخت – سائادەت ئاتا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يەنە بۇتقا چۇقۇنۇشتىن چەكلەپ ۋە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

سەمۇد قەۋمى غەپلەتتىن ئويغانماي، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەتلىرىنى رەت قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقەتتىن چەتنىدىڭ، كاززاپلىق قىلدىڭ ۋە ئالدامچىلىق قىلدىڭ، دەپ ھاقارەتلىرى. ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

- ئى سالىھ! ئىلگىرى بىز سېنى پىكرى ئۆتكۈر، ئەقىل – پاراسىتى زىيادە دەپ بىلىپ، گۈزەللىك ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى قىلىۋالغانىدۇق. سېنىڭ مول تەجرىبەڭ ۋە ئەقىل – پاراسىتىڭگە تايىنىش ئارقىلىق جاھالەتنى يورۇتقانىدۇق؛ بىرەر تەبىئىي ئاپەت ياكى پېشكەللىككە دۇچ كەلسەك، بىز ھامان سەندىن مەسلىھەت سوراپ، سېنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىڭ بويىچە مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلاتتۇق. بىرەر ئاپەت يۈز بەرگەندە، بىز ساڭا نىجاد يۇلتۇزىمىز، دەپ ئۈمىد باغلايتتۇق. بۇ سۆزنى ئېيتىشىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق، بىراق سەن ھازىر نېمە بولۇپ كېتىۋاتىسەن؟ بىزگە نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟! ئەجەبا ئەمدىلىكتە سەن ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بۇتلارنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟ بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسماقچىمۇ؟ بىز ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۈگۈن بىز سېنىڭ سۆزلىرىڭدىن گۇمانلىنىمىز. بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭغا ئىشەنمەيمىز، ساڭا ئەگىشىپ ھاماقەتلىك قىلمايمىز. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:

- ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر.

سالىھ ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ يوسۇندا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى، ئۇلارغا ئۆز ئۈستىدىكى ئەلچىلىك بۇرچىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا جاكارلىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەخت - سائادەت ئاتا قىلغانلىقىنى ئەسلەتتى ھەمدە ئاللاھنىڭ غايەت زور كۈچ – قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

- ئى قەۋمىم! سىلەر پۈتكۈل كائىناتنىڭ  تەربىيەتچىسى ۋە چەكسىز كۈچ – قۇدرەت ئىگىسى بولغان (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىنلا تىلەيمەن. سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر). خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟ ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار. ئۇلار ئېيتتى:

- سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن. سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:

- ئى قەۋمىم! بۇ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگە سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر. ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات يېقىندا كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر.

 ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:

- ئۆيۈڭلاردا (ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، بۇ ۋەدە يالغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى. ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ۋەقەنى پۈتكۈل جاھانغا مۇنداق جاكارلىدى: ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن) سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق. ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ (ئازاب قىلىش) ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن ۋە ئازابتىن قۇتقۇزدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر. زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى. گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى ئادەمزات تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنمىغاندەك) بولۇپ قالدى، ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر