تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 17.02.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

674720
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 17.02.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىتار گېزىتى، «راككا ئۈچۈن ھەربىي ئالىي يىغىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىريۇسسېلگە بېرىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئەلباب ھەرىكىتى ھەققىدە مۇلۇمات بېرىپ، ھارىر ئەلباب تولۇق قورشاۋغا ئېلىندى. ئىچكى قىسمىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى بىرلىكتە دائېش ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن قويۇق ھەرىكەتتە بولماقتا» دېدى. تۈركىيەنىڭ ئەلبابتىن كېيىن ئالدى بىلەن مۇنبىچ ۋە راككادا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانى جۇسېف دونفوردنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەدە باش قوماندان خۇلۇسىي ئاقار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «راككا ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ياكى ئېلىپ بارماسلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، تېخنىكىلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرى تۈركلەرگە ئامانەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

34 يىلدا 113 دۆلەتتە 335 مىليارد دوللارلىق لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە بىناكارلىق ساھەسى چەتئەللەردە ماركىغا ئايلانماقتا. تۈركىيە قۇرۇلۇش شىركىتى سەئۇدىي ئەرەبىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مەككە، جىددە، پادىشاھ ئابدۇللاھ ئىقتىساد شەھىرى ۋە مەدەنىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 450 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرەمەين تىز سۈرئەتلىك پۇيىز لايىھەسى دائىرىسىدە، مەدىنە تېز سۈرئەتلىك پۇيىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى غەلەبىلىك تاماملاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تاپشۇردى. سەئۇدىي ئەرەبىستاندا رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ مەدىنىدە مەسجىدى نەبىۋىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مەدىنە پويىز ئىستانسىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «سىنگاپور مودېلى بىلەن 25 مىليارد مەبلەغ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئىلىم – پەن، سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ كېلەر ھەپتە ئىقتىسادىي ماسلاشتۇرۇش ئۆزگىنىدا سۇنماقچى بولغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئىسلاھ قىلىش پىلانى بىلەن كىشىلەرنىڭ سانائەت رايونى قۇرۇشىنىڭ يولى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىنگاپوردىكى جۇروڭ ئارىلىدا قۇرۇلغان سانائەت رايونىغا ئوخشايدىغان شەكىلدە قارادېڭىزدا تىرابزون بىلەن فىليوس، جەنۇبىي مارمارا دېڭىزىدا بالىقئەسىر، ئەگە دېڭىزىدا چاندارلى ۋە ئادانادا جەيھان سانائەت رايونى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فارۇق ئۆزلۈ «سىنگاپوردا سانائەت رايونى 50 مىليارد دوللار ئايلاندۇرۇۋاتقان بولسا، بىزنىڭمۇ 25 مىليارد ئايلانما مەبلىغىمىز بولىدۇ» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «تۈرك قىزنىڭ تېرىقچىلىق روبوتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

تەيۋەندە 23 دۆلەتتىن 247 لايىھە قاتناشتۇرۇلغان تەيۋەن خەلقئارا پەن تېخنىكا يەرمەنكىسىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالارا گۈلەر قاتناشتى. ئۇنىڭ «ئۇرۇقچا روبوتى» دەپ ئىسىم قويغان تېرىقچىلىققا نىسبەتەن چېقىمى ئاز، يېرىم ئاپتوماتىك يۆتكىلىشچان روبوت لايىھەسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى. ئالارا گۈلەر ئىجاد قىلغان «ئۇرۇقچا روبوتى» كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك باغچا تىرىقچىلىقى ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. «ئۇرۇقچا روبوتى» تېخىمۇ ئاز ئىنسان ئەمگەك كۈچى، چىقىم ۋە ۋاقت سەرپىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. 

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر