ئىتالىيە بىلەن مۇسۇلمانلار كېلىشىم تۈزدى

ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماركو مىننىتى بىلەن دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

664230
ئىتالىيە بىلەن مۇسۇلمانلار كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا مۇراسىمىغا مىننىتى بىلەن ئىتالىيەدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا «مىللىي ئىتالىيە ئىسلام ئەھدىنامىسى» كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىم ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىلەن دىيالوگنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دىنىي رادىكاللىققا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، ئىبادەت ئەركىنلىكى دائىرىسىدە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي تەشكىللىنىش باسقۇچىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مىننىتى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئورتاق نۇقتىلىرىنىڭ ئىتالىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدۇق. ئوخشىمىغان دىنلارغا ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما ھەممىمىز ئىتالىيە پۇقراسىمىز. كېلىشىم چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ئىمزالاندى. مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى، ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر