«تېررورلۇقتىن خالىي بىر دۇنيا» ناملىق ۋىدېئو ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئەسكىشەھىر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى 30 تىلدا «تېررورلۇقتىن خالىي بىر دۇنيا» ناملىق ۋىدېئو تەييالاپ تارقاتتى.

«تېررورلۇقتىن خالىي بىر دۇنيا» ناملىق ۋىدېئو ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسكىشەھىر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 30 تىلدا تەييارلىغان «تېررورلۇقتىن خالىي بىر دۇنيا» ناملىق ۋىدېئوسىدا، تېررورلۇق بولمىغان بىر دۇنياغا بولغان تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئەسكىشەھەر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دىپلوماتىيە ۋە ئۈلگىلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوقۇغۇچىلىرى كۇلۇبىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەييارلانغان ۋىدېئونىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئەسكىشەھىر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى جەمال چىلدىرنىڭ ۋە سەھنە رىياسەتچىلىكىنى ئەھمەت ئايدىننىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ۋىدېئودا، ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان تېررورىزمغا قارشى سادا ياڭراتتى. ياشلار 30 تىلدىكى سۆزلىرى ۋە ئىشارەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇققا لەنەت ئوقۇدى. ۋىدېئوغا تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە خەت كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى.

ۋىدېئودا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا تېررورىزمنىڭ توسالغۇ بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئىسنانىيەتكە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ھېچ نەرسىنى ھەل قىلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

«كەلگۈسى بىزگە مەنسۇپ» دەپ سادا ياڭراتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەرگىزمۇ تېررورلۇقنىڭ كېيىنكى قۇربانى بولمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. 

ئەسكىشەھەر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتى باش مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ھەسەن گۆنەن، ياشلارنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ، بۇ خىل  پائالىيەتلەردە بولۇشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە تېخىمۇ خاتىرجەم ۋە تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشتا ياشلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر