«تېرىلىش ئەرتۇغرۇل» تۈركىيەدە 1- ۋە دۇنيا مىقياسىدا 2 - بولدى

كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياختۇرىشىغا ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتورىنىڭ بۇ ھەپتىلىك بۆلۈمى كۆرۈرمەنلەر رېكورتىنى يەنە بۇزۇپ تاشلىدى.

613738
«تېرىلىش ئەرتۇغرۇل» تۈركىيەدە 1- ۋە دۇنيا مىقياسىدا 2 - بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «TRT 1» قانىلىدا قويۇلۇۋاتقان ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرۇش ھېكايىسىنى مەزمۇن قىلىنغان «تېرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتورى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دۇنيا بويىچە 2 – بولدى.

كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياختۇرىشىغا ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتورىنىڭ بۇ ھەپتىلىك بۆلۈمى كۆرۈرمەنلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ «تېرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتورىنىڭ 3 - پەسلى ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەن سانى بىلەن بىرىنچىلىك تەختىگە ئولتۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياختۇرىشىغا ئېرىشكەن «تېرىلىش ئەرتۇغرۇل» قويۇلۇۋاتقان سائەت بويىچە تىۋېتتېردا «#DirilişErtuğrul» دېگەن ماركا بىلەن تۈركىيەدە بىرىنچى، دۇنيا مىقياسىدا ئىككىنچى بولدى.

2016 – يىلنىڭ ئەڭ ياخشى كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېرىلىش ئەرتۇغرۇل»  ھەپتىنىڭ ھەر چارشەنبە كۈنلىرى «TRT 1» قانىلىدا كۆرسىتىلمەكتە.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر