15 – ئىيۇل فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسى تەرىپىدىن «15 – ئىيۇل فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

609870
15 – ئىيۇل فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
15 temmuz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقىگە 694 فوتو سۈرەتچى 1983 ئەسىرى بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەتچىلەرگە مۇكاپاتلار كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسى ھاكىمى تەمەل قارادېنىز تەرىپىدىن تەقدىم قىلىندى.

بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن تەمەل قارادېنىز، 15 – ئىيۇل كېچىسىنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىققا ئوخشىغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى چۆرىدىگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مۇسابىقىدە سەدات سۇنا بىرىنچىلىككە، سەراپ قورقماز ئىككىنچىلىككە، نازلى قىلىچ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

50 فوتو سۈرەت كۆرگەزمە قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر