ئىسلام سىھىر ياكى سىرلىق چۈش ئەمەس

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (44)

604513
ئىسلام سىھىر ياكى سىرلىق چۈش ئەمەس

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىنسانلار شەيتانغا چوقۇنماڭلار! ئۇ سىلەرنىڭ ئوچۇق ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. پەقەت ماڭىلا قۇللۇق قېلىڭلار! مانا بۇ توپ - توغرا يولدۇر.» دەيدۇ. (سۈرە ياسىن 60 - ئايەت)

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «مەن سىلەرگە كېچىدىمۇ كۈندۈزگە ئوخشاش يوپ-يورۇق بىر يولنى قالدۇردۇم» دەيدۇ. (ئىبنى ماجە)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ھەزەرتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئاپ - ئاق كېيىملىك بىر ئادەم كىرىپ كەلدى. چاچلىرى قاپ - قارا ئىدى. سەپەردىن كەلگەننىڭ ئىزنالىرىمۇ يوق ئىدى. ئارىمىزدا ھېچ كىشى ئۇنى تونىمايتتى. ئۇدۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆلتۈردى. تېزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىزىغا تەككۈزۈپ، ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە: <ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنى ئاڭلاتقىن> دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: <ئىسلام؛ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىنى، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش، نامازنى توغرا ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزان ئېيى بويىچە روزا تۇتۇش، ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە، ھەج قىلىشتىن ئىبارەتتۇر> دېدى. ھېلىقى كىشى <ھە، توغرا دېدىڭ> دەپ جاۋاپ قايتۇردى»

 ئۆمەر رەزىيەلاھۇ ئەۈھۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇ ئادەمگە ھەيران قالدۇق. ھەم سوئال سوراپ، ھەم ئۆزى تەستىقلىماقتا ئىدى. ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: <ماڭا ئىماننى ئاڭلاتقىن> دېدى. پەيغەمبەر ئەليھىسسالام: <ئىمان؛ ئاللاھقا، مالائىكىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر> دېدى. بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى يەنە، <توغرا ئېيتتىڭ!> دېدى ۋە ئارقىدىن: <ماڭا ئېھساننى ئاڭلاتقىن!> دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: <ئېھسان؛ ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتۇر. سەن ئۇنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ> دەپ جاۋاپ بەردى. ھېلىقى كىشى يەنە ئوخشاشلا <توغرا ئېيتتىڭ!> دەپ ئىنكاس قايتۇردى. ئاندىن: <قىيامەت قاچان بولىدۇ؟> دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: <بۇ ھەقتە سوئال سورىغۇچى سوئال سورالغۇچىدىن ياخشىراق مەلۇماتقا ئىگە> دەپ جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ كىشى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن: <بۇ سوئاللارنى سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟> دەپ سورىدى. بىز <ئاللاھ ۋەئ ۇنىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ> دەپ جاۋاپ قايتۇردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: <ئۇ كىشى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئىدى، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى> دېدى» (بۇخارى)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئىسلام مەنبەلىرىدىكى جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ۋەقەسى بىزگە ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى، ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى ئۇچۇق ھالدا كۆرسىتىپ بەرمەكتە. دېمەككى، ئىسلام مانا شۇنداق ئاددى - ساددى، كونكېرت، چۈشىنىشلىك  ۋە روشەندۇر. بۇنچە ئوچۇق ھۆكۈملەر بار يەردە، يەنە كېلىپ قولىمىزدا قۇرئانغا ئوخشاش ئەبەدىي بىر ھەقىقەت تۇرغان يەردە، ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنى سىرلىق، ئەپسۇنلۇق، چۈش، كەشىف، كارامەتلەر شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ خام خىياللىرى ئۈستىگە بىنا قىلىشقا تىرىشىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەڭ بۈيۈك كارامەت ھەر دائىم سىراتەل مۇستەقىمدە، يەنى توغرا يولدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئالدىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ رەھبەرلىكى بار تۇرۇغلۇق قۇتقازغۇچى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، قىيامەت ئالەمەتلىرى ئاساسىدا بىر دىن ئىجاد قىلىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. «خەيرىلىك چۈشلەر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چۈشلەرنى ئاساس قىلىپ بىر دىننى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئوچۇق ھۆكۈملىرى تۇرۇغلۇق، ھاۋايى - ھەۋەسلەرنىڭ ئەسىرى بولغان چۈشلەرگە بىنائەن ئەمەل قىلىش پۈتۈتەنلەي خاتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى تۇرۇغلۇق، چۈشلەرگە بىنائەن ياخشىنى يامانغا، ياماننى ياخشىغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىك چۈشلەر ئاساسىدا بەلگىلەنمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ چۈشىنىڭ سىرتىدا ھېچ كىشىنىڭ چۈشى ئىلىم مەنبەسى بولالمايدۇ. چۈشلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىنى ۋە قەلب دۇنياسىنى سۇيىئىتېمال قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

 ئەزىز قېرىنداشلار!

جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بۇ ھەقتە سوئال سورىغۇچى سورالغۇچىدىنمۇ بەكرەك مەلۇماتلىق» دەپ قايتۇرغان جاۋابى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ غەيىب ھەققىدە «مەن بىلمەيمەن» دەپ تۇرغان يەردە، ئاساسسىز غەيبىي مەلۇماتلار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى مالىمان قىلىش، ئىددىيەلىرىنى چۈرۈشتۈش جىنايەتتۇر. بۈگۈنكى كۈندە قانداقتۇر بىرەر كىشىنىڭ غەيىپتىن بەرگەن خەۋەرلىرى ئۈستىگە ھاياتىمىزنى بىنا قىلىش تولىمۇ مەنىسىزلىكتۇر. غەيىبكە ۋە مالائىكلەر ئالىمىگە دائىر قىيامەت سىنارىيولىرىنى ياساپ چىقىپ، سۇ ئاساستا دىننى چۈشنۈشكە تىرىشىش ھەرگىزمۇ دىننى ئۆگىنىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاخىرەتكە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا كۆرە تەييارلىقىمىزنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كۈنى ساھابىلەر «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇ كۈن ئۈچۈن سەن قانداق ھازىرلىق قىلدىڭ؟» دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بۇ جاۋابى ئارقىلىق بىزگە ئاخىر زاماننىڭ قاچان بولىدىغانلىقى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا، ئاخىرەت ئۈچۈن قانچىلىك تەييارلىق قىلغانلىقىمىزنى  ھېسابلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە بىزگە تەلىم بەرگەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

ئى رەببىمىز بىزنى توغرا يولغا ئېرىشتۇرگەندىن كېيىن، قەلبلىرىمىزنى ئازغۇنلۇققا مۇبتىلا قىلمىغىن،! بىزگە رەھىم قىلغىن! ھېچ شۈبھىسىزكى، سەن چەكسىز رەھمەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن» (سۈرە ئالى ئىمران 8 - ئايەت)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر