ئامېرىكىدا تۈنجى نۆۋەتلىك ئەڭ چوڭ قۇرئان كەرىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغان بولدى
قۇرئان كەرىم كۆرگەزمىسى 2017 – يىلى 20 – فىۋرالغىچە زىيارەتچىلەرگە ئۇچۇق بولىدۇ.
590091
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى سىمىتسونان مۇزىيى تۈرك – ئىسلام يادىكارلىقلىرى مۇزىيى بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا بويىچە تۈنجى نۆۋەتلىك ئەڭ چوڭ قۇرئان كەرىم كۆرگەزمىسى ئاچىدىغان بولدى.
پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى سىمىتسونان مۇزىيىدا ئېچىلىشى پىلانلانغان كۆرگەزمە 2017 – يىلى 20 – فىۋرالغىچە زىيارەتچىلەرگە ئۇچۇق بولىدۇ.
كۆرگەزمىگە ئەرەب دۇنياسى، تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستاندا يېزىلغان 60 تىن ئارتۇق ۋە ئىنتايىن قىممەت باھالىق قول يازما قۇرئان كەرىملەر قويىلىدۇ.