نوبېل مۇكاپاتلىق ناخشىچى: مەن تۈرك

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئامېرىكىلىق ناخشىچى بوب دەيلان ھاياتىنى تونۇشتۇرغان كىتابىدا، ئەجدادلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ئېيتتى.

589647
نوبېل مۇكاپاتلىق ناخشىچى: مەن تۈرك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناخشىچى 304 بەتلىك كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا چوڭ ئانىسىنىڭ تۈرك بولۇپ، ترابزونلۇق، فامىلىسىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ ئانامنىڭ ھايات ھېكايىسى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جەنۇبىي رۇسىيەنىڭ پورت شەھىرى ئودېسسادىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ئىكەن. چوڭ ئانامنىڭ ئائىلىسى قارسلىق بولۇپ، فامىلىسى قىرغىز ئىكەن. تېرە ۋە كەشچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.»

ئامېرىكىنىڭ ناخشا مەدەنىيىتىنى شېئىر خاراكتېرلىك ئۇقۇمغا ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن، نوبېل مۇكاپات كومىتېتى ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر