تۈركىيەدە بىر كىشى ئوتتۇرىچە 78 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەدە بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە 78 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
584311
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ «2013 – يىلدىن 2015 – يىلغىچە ھايات مەنزىرىلىرىگە نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيەدە بىر كىشى 78 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن. ئاياللار 80.7 يىل، ئەرلەر بولسا 75.3 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدىكەن.