«رەڭگارەڭ پاكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ رەسىملىرى» ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى

پاكىستان باش ئەلچىخانىسى بىلەن يۈنۈس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە، تارىخىي جايلارنىڭ ۋە ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەرنىڭ رەسىملىرى قويۇلدى.

583356
«رەڭگارەڭ پاكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ رەسىملىرى» ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى
objektiften pakistan ve türkiye renkleri sergisi.jpg
objektiften pakistan ve türkiye renkleri sergisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى فوتوگرافچىلىرىدىن گۇلزارغۇرى بىلەن فەيسەل رائۇف تارتقان تەبىئەت رەسىملىرى سەنئەتخۇمارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

پايتەخت ئەنقەرەدە «رەڭگارەڭ پاكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ رەسىملىرى» ناملىق 100 پارچە رەسىمدىن تەشكىل تاپقان كۆزگەزمە ئېچىلدى.

پاكىستان باش ئەلچىخانىسى بىلەن يۈنۈس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە، تارىخىي جايلارنىڭ ۋە ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەرنىڭ رەسىملىرى قويۇلدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش كۈنىمۇ پاكىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىگە توغرا كەلدى.

كۆرگەزمىدە، پاكىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ تارىخى جايلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى يېڭىچە بىر پەنجىرىدىن كۆرۈش مۇمكىن. پاكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوھەيل ماھمۇد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئورتاق تارىخ ۋە كۈلتۈرگە ئىگە بولغان ھەمراھلىقى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئامىلىدۇر» دېدى.

ئەنقەرەدە جەرمودېرن زالىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىنى 10 – ئۆكتەبىرگىچە زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر