مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئەرافات تېغىغا قاراپ يولغا چىقتى
ھاجى نامزاتلىرى ئەرافات تېغىدا تۇرغاندىن كېيىن، ھېيت كۈنى مۇزدەلىفەدە ۋاقفە قىلىدۇ (توختايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن رەسمىي ھاجى بولىدۇ.
569192
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇقەددەس ھەرەمدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئەرافاتقا قاراپ يولغا چىقتى.
مىليونلىغان ھاجى نامزاتلىرى مەككىدىكى ئىبرادەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئاپتوبوسلار بىلەن ئەرافات تېغىغا يېتىپ كەلدى.
ھاجى نامزاتلىرى ئەرافات تېغىدا تۇرغاندىن كېيىن، ھېيت كۈنى مۇزدەلىفەدە ۋاقفە قىلىدۇ (توختايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن رەسمىي ھاجى بولىدۇ.
ھاجىلار مۇزدەلىفەدە ۋاقفە قىلىپ (تۇرۇپ)، ئەتىسى مىناغا بارىدۇ ۋە شەيتانغا تاش ئاتىدۇ.