جەرابلۇستا كۈندىلىك ھايات

سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن خەلق ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى.

563092
جەرابلۇستا كۈندىلىك ھايات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون ئاھالىسى دائېشتىن قۇتۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنئىي قىلغان تېلېفون، تېلېۋىزور، سۈنئىي ھەمراھ  تېلېۋىزىيە ئانتېننىسى قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار قايتىدىن ئىستېمال قىلىنىششقا باشلىدى.

ھەربىي كۈچلەر بولسا جەرابلۇس ۋە چېگرا ئەتراپىدا دائېش كۆمۈپ قويغان مىنالارنى كونتروللۇق ھالەتتە پارتلاتماقتا. پارتلاشلار ۋە ئارقىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىس – تۈتەكلەر تۈركىيە تەرەپتىنمۇ كۆرۈلمەكتە.

چېگرانىڭ تۈركىيە تەرىپىدە بولسا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ بۇ يەرگە كەلگەن سۈرىيەلىكلەر رايونغا قايتىشقا باشلىدى.

تەخمىنەن 3 يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىكلەر ئۆز يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن 47 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ئىسسىقلىققا قارىماي قارقامىش تاموژنا ئېغىزىغا سەلدەك ئاقماقتا ھەمدە ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلماقتا.

تۈنۈگۈن كېچىدىن ئېتىبارەن غازىئانتەپ ۋە دىيارباقىردىن  ئەۋەتىلگەن تانكىلار بىلەن بىرونېۋىكلارمۇ قارقامىشنىڭ چېگرا لىنىيەسىدىكى سويلۇ مەھەللىسى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

تانكىلار بىلەن بىرونېۋىكلار ئەتىگەن تەرەپلەردە رايوندىن چىقىرىلىپ، چېگرىغا يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر