ھەج سەپىرى باشلىنىپ كەتتى

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودورۇمىدىن جىددىگە ئۇچىدىغان ھاجى نامزاتلىرى جىددىدىن مەككەكىگە ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى تاماملايدۇ.

562453
ھەج سەپىرى باشلىنىپ كەتتى
edirne, hac uğurlama.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن  مۇقەددەس ھەرەمگە بارىدىغان ھاجى نامزاتلىرى يولغا چىقىشنى باشلىدى.

ھاجى نامزاتلىرى ئايرودورۇم ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە يېقىن – يورۇقلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇتۇلغان چاغلاردا ئىنتايىن تەسىرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

تۈنۈگۈن ئەدىرنە، كەشان، سافرانبولۇ ۋە خاتايدىن ھاجى نامزاتلىرى يولغا چىققاندىن كېيىن بۈگۈن كونيانىڭ بايشەھىر ناھىيەسىدىن ھەج كارۋىنى يولغا راۋان بولدى.

ھاجى نامزاتلىرى دىنىي بېيىتلەر ۋە دۇئالار بىلەن  ئۇزۇتۇپ قويۇلدى. ئۇلار مۇقەددەس ھەرەمگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلدىغانلىقىنىڭ شاتلىقىدا، قاتتىق ھاياجانغا چۆمۈلگەن ئىدى.

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودورۇمىدىن جىددىگە ئۇچىدىغان ھاجى نامزاتلىرى جىددىدىن مەككەكىگە ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى تاماملايدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مەسئۇللىرى ۋە ھاجى نامزاتلىرىنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى ئۇزۇتۇش پىروگراممىسىدا، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ھەرەمنىڭ مەنىۋى مۇھىتىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشىنى، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر