«شىۋېتسارىيەدە ئىسلام دۆلەت دىنى بولسۇن!»

شىۋېتسارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى كرىستىن لېۋرات شىۋېتسارىيەدە ئىسلامنىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى.

558116
«شىۋېتسارىيەدە ئىسلام دۆلەت دىنى بولسۇن!»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېۋرات شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «‹ SonntagsZeitung› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىسلامنىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى توغرۇلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، ئىسلام دىنى رەسمىي دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، دىنىي ئەربابلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرى شىۋېتسارىيە تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ چەت ئەللىكلەر ياكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە، <شىۋېتسارىيەگە خاس ئىسلام دىنىنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق؟> دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.»

«‹20 Minuten › گېزىتى» مۇ لېۋراتنىڭ تەكلىپىگە ئورۇن بەردى ھەمدە «شىۋېتسارىيەدە ئىسلام دىنى رەسمىي دۆلەت دىنى بولۇشى لازىممۇ؟» تەرىقىسىدە راي سىناش ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر