شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتى

شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى مۇسابىقە باشلاش دۈدۈكى چېلىنىپ، ئىسرائىلىيە كوماندىسى مەيدانغا چېقىشى بىلەن تەڭ مۇسابىقە مەيدانىدا پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى.

554717
شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەلتىك كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاپوئېل بېر شىۋا كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە جەريانىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتى.

ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن شوتلاندىيەنىڭ جەلتىك كوماندىسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاپوئېل بېر شىۋا كوماندىسى جەلتىك باغچىسىدا كەسكىن رىقابەتلەشتى.

شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى مۇسابىقە باشلاش دۈدۈكى چېلىنىپ، ئىسرائىلىيە كوماندىسى مەيدانغا چېقىشى بىلەن تەڭ مۇسابىقە مەيدانىدا پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى.

جەلتىك كوماندىسىنىڭ بۇ ھەركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس پەيدا قىلدى.

مۇسابىقىدا جەلتىك كوماندىسى 2 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئىسرائىلىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىنىڭ شاللاش (play-off) مۇسابىقىلىرى 23 – ۋە 24 – ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر