تۈركىيە خەلقى كېچە – كۈندۈز ۋەتەننى قوغدىماقتا

تۈركىيە خەلقى دېموكراتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كېچە - كۈندۈز ۋەتەننى قوغدىماقتا.

535709
تۈركىيە خەلقى كېچە – كۈندۈز ۋەتەننى قوغدىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا مەيدانلارغا سەلدەك ئېقىپ، ۋەتەننى قوغدىماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنلا: «ئەزىز خەلقىمگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، مەيدانلارغا كېلىڭلار، مەيدانلاردا بۇلارغا ئەڭ ياخشى جاۋابنى بېرەيلى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى تارىختىن بۇيان ھېچقانداق بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلالىغان ئەمەس» تەرىقىسىدە خەلققە چاقىرىق قىلغان، تۈركىيە خەلقىمۇ ئەردوغاننىڭ بۇ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئەدىرنەدىن ھاققارىغا قەدەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدىن مەيدانلارغا چىقىپ، شەنبە، يەكشەنبە، سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاشلا پەيشەنبە كۈنىدىن كېيىنمۇ ساھەلەرگە سەلدەك ئاقماقتا؛ دېموكراتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەنقەرەدىكى قىزىلئاي مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەيدانلاردا ۋەتەن خائىنلىرىغا لەنەت ياغدۇرماقتا. مەيدانلاردا ياڭرىغان تەكبىر سادالىرى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى مەزمۇن قىلىنغان خەلق ناخشىلىرى ھەممە ياقنى لەرزىگە سالماقتا.  خەلقنىڭ قوللىرىدىكى تۈركىيە بايراقلىرى تەبىئەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشماقتا. ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە كەڭ خەلق ئاممىسى ۋەتەن خائىنلىرىغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى يېگانە يۈرەك ھالىتىدە ئىپادىلىمەكتە. ئوخشىمىغان مەيدانلاردىن پۈتكۈل جاھانغا تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا ھېچنېمىدىن ئايانمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى مەزمۇن قىلىنغان سىگناللار بېرىلمەكتە.

كوجائەلى، بۇرسا، ئەدىرنە، ساكاريا، چاناققەلئە، يالوۋا، قىرىققالە ۋە تەكىرداغدىمۇ قانچە ئون مىليونلىغان خەلق مەيدانلارغا چىقىپ، ۋەتەننى قوغداش يولىدىكى مەيدانىنى نامايەن قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر