تۈرك ئارتىس رۇس تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ

تۈركىيەدە بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «بەھرام پاشا» رولىنى ئېلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئادنان كوچ بىر رۇس تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ.

529372
تۈرك ئارتىس رۇس تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ
adnan koç.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادنان كوچ دېنىس يېلېئوسنكىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلىنىدىغان «شەرق – غەرب» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تۈرك دوختۇر كامال دەنىزنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

ئادنان كوچ بىلەن رۇس ئارتىس ئېۋگېنىيا لوزا باش رول ئالىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ساھىللىرىدا ئىشلىنىدۇ.

تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۈزدە رۇسىيەنىڭ دوماشنى تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، لوزا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەش جەريانىدا كوچ بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلىرىنى instagram  سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر