مۇسۇلمان ئاياللار ئەڭ كۆپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

ئەنگلىيەنىڭ ئىسلامدىن قورقۇش ھادىسەسىنى تەتقىق قىلىدىغان تېل ماما تەشكىلاتى، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

520797
مۇسۇلمان ئاياللار ئەڭ كۆپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىشچى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جو كوكس ئېلان قىلماقچى بولغان دوكلات، 2015 – يىلى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىسلامدىن قورقۇش ھادىسەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەنگلىيەنىڭ «تېل ماما» تەشكىلاتى، 2015 – يىلى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ %326 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. مەركىزىي لوندونغا جايلاشقان تەشكىلاتنىڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىسلامىي كىيىنگەن ئاياللار بولغان. ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلگەن.

دوكلاتتا، ھۇجۇملارنىڭ تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرىدا، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدا ۋە شەھەر مەركەزلىرىدە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يۆگەنگەن ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ھۇجۇم قىلغانلار ئارىسىدا 13 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئاق تەنلىك ئوغۇللارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر