ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا ياۋروپانىڭ 14 شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغان پېگىدار ھەرىكىتى ياۋروپانىڭ 14 شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

428630
ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا ياۋروپانىڭ 14 شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى
pegida avp gösteri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغان پېگىدا ھەرىكىتى ياۋروپانىڭ 14 شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئاساسلىق نامايىش گېرمانىيەنىڭ دىرېسدېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، 2014-يىلى ئۆكتەبىردە پېگىدا بۇ شەھەردە قۇرۇلغانىدى. ئۆزلىرىنى «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار»دەپ ئاتىغان پېگىدانىڭ دىرېسدېن شەھىردە ئۇيۇشتۇرغان نامايىشىغا 8000 ئادەم قاتناشتى.

نامايىشتا گېرمانىيە باش مىنسىتىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ كۆچمەنلىك سىياسىتى تەنقىد قىلىندى. كۆچمەنلەرگە قارشى بولغان بۇ ھەرىكەت گېرمانىيەدىن باشقا گوللاندىيە، چېخ ۋە پولشا قاتارلى دۆلەتلەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ياۋروپادىكى مۇساپىرلار كىرزىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلۋاتقان بۇ ھەرىكەت، مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە كۆچۈشىگە ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغان پېگىدا ھەرىكىتى ياۋروپالىقلارنى نامايىشقا چاقىرغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا بىر تۈركۈم كىشىلەر پېگىدانىڭ ئىرقچى قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيەدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان نامايىشتا ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 25مىڭ كىشى نامايىشقا قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر