Twitter دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 125 مىڭ كىشىنىڭ سەھىپىسىنى تاقايدۇ

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش چېتىشلىقى بار 125 مىڭ كىشىنىڭ سەھىپىسىنى تاقاش قارارى ئالدى.

428031
Twitter دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 125 مىڭ كىشىنىڭ سەھىپىسىنى تاقايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Twitter نىڭ رەسمىي بلوگىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا بىزمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پائالىيەتلىرى تۈپەيلى ئەندىشە ئىچىدىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، Twitter نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلماي تېررور مەزمۇن قىلىنغان نەرسىلەرنى ھەمبەھىرلەشكەن كىىشلەر ئەيىبلەندى ھەمدە يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە تېررورلۇق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 125 مىڭ كىشىنىڭ سەھىپىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر