بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 كىشى قازا قىلدى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى فىلىپپىنلىك بولۇپ، جەمئىي 20 كىشى قازا قىلدى، يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

428204
بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىل ۋالىيسى نەۋزاد ھادى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى توغرۇلۇق تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئوت ئاپىتىنىڭ توك كاشىلىسى تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر